ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ ﺷﺎﮪﻰ: ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﮪﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎﮊﻻﺭ

ﺑﯩﺰ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ «ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ ﺷﺎﮪﻰ» (海贼王)ﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﮪﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎﮊﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ:
رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ

  1. ﺟﯘﺭﺍﻛﻴﯘﺭﯗ ﻣﯩﮭﻮﻛﯘ (乔拉可尔·米霍克)
    ﺟﯘﺭﺍﻛﻴﯘﺭﯗ ﻣﯩﮭﻮﻛﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ «ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﻛﯚﺯ» (鹰眼) ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭽﯟﺍﺯ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ «ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﻰ» (七武海)ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ (恶魔果实)ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯩﮭﻮﻛﯘ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﮭﻮﻛﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﻗﯘﺭﺳﺎ، ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺋﯘ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻳﻼ «ﺗﯚﺕ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ» (四皇)ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ. (ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﯩﮭﻮﻛﯘﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﺎﭺ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ <红发海贼团>ﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ)

رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ

  1. ﺑﯧﻦ ﺑﯧﻜﻜﯘﻣﺎﻥ (本·贝克曼)
    ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﻪﺭ «ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﺎﭺ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﺪﻩ <ﻗﻮﺵ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ> ﺑﺎﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ «ﻗﻮﺵ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ»ﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ ﺑﯧﻦ ﺑﯩﻜﻜﯘﻣﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯧﻦ ﺑﯧﻜﻜﯘﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺷﺎﻧﻜﯩﺲ (香克斯)ﺗﯩﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ. ﺑﯧﻦ ﺑﯧﻜﻜﯘﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﮪﻪﺗﺘﺎ «ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ» ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﺎﺭﺷﺎﻝ ﺳﯧﻨﮕﻮﻛﯘ (元帅战国) ﯞﻩ ﻛﯘﺭﻭﻛﻮﺩﺍﻳﺮﯗ (克洛克达尔)ﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﺎﻟﻼ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ

  1. ﻣﺎﺯﯦﺮﺍﻥ (麦哲伦)
    ﺋﯘ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، «ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﻪﺭ» ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ. ﻣﺎﺯﯦﺮﺍﻥ ﺯﻩﮪﻪﺭ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ (毒毒果实)ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﯘﻳﯘﻕ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻕ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ﮪﻪﻡ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ، ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﻪﻧﮕﯜﭼﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻣﻮﻧﻜﻰ.D. ﺭﯗﻓﻰ (蒙奇·D·路飞) ﯞﻩ ﻣﺎﺭﺷﺎﻝ.D.ﺗﯧﭽﻰ (马歇尔·D·蒂奇)ﻧﻰ ﻛﯜﭼﯩﻤﺎﻳﻼ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﺯﻻ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﺎﺯﯦﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻣﺎﺭﺷﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ.

رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ

  1. ﻣﻮﻧﻜﻰ.D.ﮔﺎﭘﯘ (蒙奇·D·卡普)
    ﮔﺎﭘﯘ ﺑﺎﺵ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎﮊ ﺭﯗﻓﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻰ، «ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﯘﺷﺖ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺯﻭﻣﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﻰ (三色霸气)ﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎﮊﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﻪﺭ ﮔﺎﭘﯘﻧﻰ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺭﻭﺟﺎ (罗杰) ﯞﻩ ﺋﺎﻕ ﺑﯘﺭﯗﺗﻨﯩﻤﯘ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﻭﺟﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ (罗杰海贼团)ﻧﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋ‍ﺍﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺟﻮﯕﺠﻴﺎﯓ (中将) ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﺭﺷﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻤﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮔﺎﭘﯘ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﻛﺎﺭﺗﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎﮊ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﺍ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ

  1. ﺋﺎﻕ ﺑﯘﺭﯗﺕ (白胡子)
    ﺋﺎﻕ ﺑﯘﺭﯗﺕ «ﺗﯚﺕ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ»ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، «ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ» ﺋﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ، ﻧﺎﻣﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ-ﻳﯧﻘﯩﻨﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺯﯨﻞ-ﺯﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻕ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ ﺷﺎﮪﻰ» (海贼王) ﺭﻭﺟﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﭺ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺶ-ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻕ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ «ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ ﺷﺎﮪﻰ» ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: http://dolqun.net/archives/210/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
«ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺷﺖ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ»ﺩﯨﻜﻰ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎﮊﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﻯ (5)
ئالدىنقىسى...» 12-14
«ﺋﻪﭘﺴﯘﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﺩﯨﻜﻰ ﮔﻮﺟﻮ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟
«...كېيىنكىسى 12-14

ئاپتور ئۇچۇرى

ئاۋات تېما

1
3
4

خەتكۈچلەر