ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ؟

ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﻧﺎﻣﯩﻜﺎﺯﯤ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ (波风水门) «ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ» (火影忍者)ﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺵ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ، ﺋﯘ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮪﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ.
رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﯩﻨﺠﺎﻻﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﺋﻮﺭﻭﭼﯩﻤﺎﺭﯗ (大蛇丸) ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﻩ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ؟

  1. ﺋﯘﭼﯩﮭﺎ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ
    ﻧﺎﻣﯩﻜﺎﺯﯤ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﺍﻧﺰﯗ (团藏) ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﻭﭼﯩﻤﺎﺭﯗﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﺩﺍﻧﺰﯗﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻘﻪﺳﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﻮﺭﻭﭼﯩﻤﺎﺭﯗﻧﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻱ، ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﻧﺎﻣﯩﻜﺎﺯﯤ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﻰ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻛﻮﻧﻮﺧﺎﻧﯩﯔ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﻠﯩﻜﺎﺷﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺩﺍﻧﺰﯗﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻗﯩﺴﺘﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺳﯩﻨﺎﻕ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺮﻯ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﺎﺵ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ، ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﻩ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻤﯘ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻣﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻼ ﺩﺍﻧﺰﯗﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻱ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﭼﯩﮭﺎ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻤﯘ ﺩﺍﻧﺰﯗﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﺎﺭﯗﺗﻮﺑﻰ ﺧﯩﺮﻭﺯﯦﻦ (猿飞日斩) ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻨﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﺩﺍﻧﺰﯗﻧﯩﯔ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺩﺍﻧﺰﯗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﯧﭽﻨﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﻧﺰﯗﻧﯩﯔ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯘ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﮔﻪﭖ.
رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ

  1. ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺳﯩﻨﻨﯧﻦ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ
    ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﯩﻨﺠﺎﻻﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﻨﯧﻦ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎ (自来也)ﻧﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﻨﯧﻦ ﮪﺎﻟﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﭘﯧﻴﯩﻦ (佩恩) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﻨﯧﻦ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯩﻨﻨﯧﻦ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﯘﺭ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﺎﻛﯩﺮﺍﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﻪﻟﯩﮕﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺳﯩﻨﻨﯧﻦ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.

  1. ﻛﺎﻛﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﻰ
    ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻮﺑﯩﺘﻮ (带土) ﺗﯧﺨﻰ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﺑﯩﺘﻮ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﺎﺗﺎﻛﻰ ﻛﺎﻛﺎﺷﻰ (旗木卡卡西) ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﻛﺎﻛﺎﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﻛﺎﻛﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﺭﺍﮪﻪﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ، ﺋﻮﺑﯩﺘﻮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﺎﻛﺎﺷﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺭﯨﻦ (原野琳)ﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﻛﻪﺳﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻛﺎﻛﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻢ(暗部)ﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﻛﺎﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﻣﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻣﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﺭﺍﮪﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ، ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮﻻ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﻛﺎﻛﺎﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ.

  1. ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ
    ﺋﯘﺯﯗﻣﺎﻛﻰ ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ (漩涡鸣人) ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻚ ﮪﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﮪﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯘﺷﯩﻨﺎﻧﯩﯖﻤﯘ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﺭﯗﺗﻮﻣﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻼ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﮕﻪ ﻗﯧﻨﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ.

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ، ﻧﺎﺭﯗﺗﻮﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﻮﺭﯗﺗﻮ (博人)ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﺎﻳﺎﺕ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﺎﺭ، ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻧﺎﺭﯗﺗﻮﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ.
ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭﻧﻰ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﯩﺴﻪﻙ، ﻣﯩﻨﺎﺗﻮﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ، ﺗﻪﻗﻰ-ﺗﯘﺭﻗﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﺴﺎﻗﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ ﻛﻮﻧﻮﺧﺎ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﺭﯗﺗﻮﺩﻩﻙ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: http://dolqun.net/archives/212/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
«ﺋﻪﭘﺴﯘﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﺩﯨﻜﻰ ﮔﻮﺟﻮ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟
ئالدىنقىسى...» 12-14
ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ: ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻤﯘ؟
«...كېيىنكىسى 12-14

ئاپتور ئۇچۇرى

ئاۋات تېما

1
3
4

خەتكۈچلەر