ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ: ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻤﯘ؟

ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎ (自来也) «ﻛﻮﻧﻮﺧﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻧﯩﻨﺠﺎ» ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺳﯘﻧﺎﺩﻯ (纲手)ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﯧﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ (大蛇丸)ﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺋﯘ «ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ» (火影忍者)ﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎﮊ. ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ «ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﺭﻩﻗﯩﺒﻰ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﭖ ﺗﻪﮪﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ.
رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ

  1. ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮪﺎﻳﺎﺕ-ﻣﺎﻣﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
    ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ، ﺳﯘﻧﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﺳﺎﺭﯗﺗﻮﺑﻰ ﺧﯩﺮﻭﺯﯦﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯘ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﻧﯩﻨﺠﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﯨﺸﺘﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﯩﻨﺠﺎﻻﺭ ﺋﯘﺭﯨﺸﻰ (第二次忍者大战)ﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭ «ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﺎﻣﻰ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻣﻰ ﻛﻪﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﺧﺎﻧﺰﻭ (半藏) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﺪﻩ «ﻛﻮﻧﻮﺧﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻧﯩﻨﺠﺎ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ «ﺋﯜﭺ ﻧﯩﻨﺠﺎ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﯩﻨﺠﺎﻻﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ.

  1. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «ﺋﯜﭺ ﻧﯩﻨﺠﺎ» ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﮪﺎﻳﺎﺕ-ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
    ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، «ﺋﯜﭺ ﻧﯩﻨﺠﺎ» ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﮪﺎﻳﺎﺕ-ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﻪﻧﯩﺘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻣﯘ ﺳﺎﻕ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.
  2. ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻧﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﯨﯖﻰ
    ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﯩﻨﺠﺎﻻﺭ ﺋﯘﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﭼﯩﮭﺎ ﻣﺎﺩﺍﺭﺍ (宇智波斑)ﻏﺎ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺩﺍﺭﺍﺩﺍ ﺳﯧﻨﺠﯘ ﮪﺎﺷﯩﺮﺍﻣﺎﻧﯩﯔ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺍﺭﺍﻧﻰ «ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﯘﺳﺨﺎ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺍﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻧﺎﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻧﯩﯖﻤﯘ ﭘﺎﺭﯨﯖﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﭘﺎﺭﺍﯓ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﯘﻧﺎﺩﻯ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗﺩﯨﻤﯘ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

خۇلاسە:

ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﺳﻜﻰ (佐助) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ (鸣人)ﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻭﺳﺖ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺭﻩﻗﯩﺐ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ-ﺳﻮﻏﯘﻗﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺭﯨﺸﺘﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﯗﭼﯩﻤﺎﺭﯗ ﺟﯩﺮﺍﻳﻴﺎﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ!

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: http://dolqun.net/archives/213/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﻨﺎﺗﻮ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ؟
ئالدىنقىسى...» 12-14
«ﻧﺎﺭﯗﺗﻮ»ﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ
«...كېيىنكىسى 12-15

ئاپتور ئۇچۇرى

ئاۋات تېما

1
3
4

خەتكۈچلەر