ئوتتەكنارۇتو

ئىۋا كەنتى

ئىۋا كەنتى
ئىۋا كەنتى
تۇپراق دۆلىتى-ئىۋا كەنتى ئەتراپىنى تاغ-جىنىسلىرى ۋە قورام تاشلار قورشاپ تۇرغان، ئەڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە كۈچى بار كەنت دەپ نامى بار، يەر شەكلى سەۋەبلىك سىرتتىن ھۇجۇم قىلسىمۇ قوغداش ئەۋزەللىكى بار، شۇنىڭغا قارشى سىرتقا نىسپەتەن ئالاقە قىلىش قىيىن بولغان كەنت.

ئاتامانلار

  • تۇنجى ئەۋلاد تۇپراق ئاتامان: ئىشىكاۋا (初代土影·石河)
    تۇنجى ئەۋلاد تۇپراق ئاتامان ئىشىكاۋا، ئىۋا كەنتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەنسىز زامانلارنى تىنىچلاندۇرغان بەش ئاتاماننىڭ بىرسى، تۇنجى قېتىملىق «بەش ئاتامان سۆھبىتى» گە قاتناشقان ۋە بەش دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچالايدىغان نىنجالارنىڭ بىرسى.
  • ئىككىنچى ئەۋلاد تۇپراق ئاتامان: مۇ (二代目土影·无)
    ئىككىنچى ئەۋلاد تۇپراق ئاتامان مۇ، سۈيقەست پىلانلاش ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە داڭ چىقارغان «دانا قوماندان» دېگەن نامى بار، جەمەت ماھارىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان «بېكىتىلمە جەمەت ماھارىتى» (يەنى شامال، تۇپراق، ئوت قاتارلىق ئۈچ خۇسۇسىيەت بىرىككەن ماھارەت) بولغان «ئاتوم تون» غا ئىگە، بەش دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچالايدىغان نىنجالارنىڭ بىرسى.
  • ئۈچۈنچى ئەۋلاد تۇپراق ئاتامان: ئونوكى (三代目土影·两天秤大野木)
    ئۈچۈنچى ئەۋلاد تۇپراق ئاتامان ئونوكى، تۇنجى ئەۋلاد ۋە 2-ئەۋلاد تۇپراق ئاتامانىنىڭ بىر قوللۇق تەربىيلىگەن شاگىرتى، ئەمەلىي كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى، تۇپراق تونغا ماھىر، «بېكىتىلمە جەمەت ماھارىتى» بولغان «ئاتوم تون» ئىشلىتەلەيدۇ، بەش دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچالايدىغان نىنجالارنىڭ بىرسى.
  • تۆتىنچى ئەۋلاد تۇپراق ئاتامان: كۈروسۈچى (四代目土影·黑土)
    تۆتىنچى ئەۋلاد تۇپراق ئاتامان كۈروسۈچى، ئۈچۈنچى ئەۋلاد تۇپراق ئاتاماننىڭ نەۋرىسى، تۇپراق تونغا ئۇستا ۋە جەمەت ماھارىتى بولغان «لاي تون» غا ماھىر.
مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: http://dolqun.net/archives/25/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
كۇمو كەنتى
ئالدىنقىسى...» 09-03
كىرى كەنتى
«...كېيىنكىسى 09-03

تەسىراتىڭىز:

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.1
جەمئىي 27 پارچە تېما | بىر تۈمەنلىك زىيارەت
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

4

خەتكۈچلەر