ھەققىدە

دولقۇن تەرجىمىلىرى 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، قىزىقىش ۋە تىل ئۆگىنىش ئاساسىدا باشلىنىپ، ھازىرغىچە كارتون فىلىملەرنى ئاساس، ئامېرىكا، ياپونىيە ، كورىيە تېلىۋىزىيە -تىياتىرلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ، كەڭ دولقۇنداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ كەلدى.
بۇ بىر نەچچە يىلدا دولقۇنداشلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بىلەن كۆپلىگەن فىلىملەر روياپقا چىقتى، ئارلىقتا بىر نەچچە قېتىم دېسكا فورماتلىنىپ كېتىش، مۇلازىمىتىردىن كاشىلا چىقىش مەسىلىلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق دولقۇنداشلارنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشى ۋە قىزغىن قوللىشى بىلەن دولقۇن قايتىدىن ئۆركەشلىدى.
بۇندىن كېيىنمۇ دولقۇنداشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمىز، دولقۇن تەرجىمىلىرىنىڭ تەرەققىياتى قوللاش ۋە مەدەتتىن ئايرىلالمايدۇ.



«دولقۇن» ئۇ ھازىرغىچە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى جاپا-مۇشاقەتلەرگە سىمۋول قىلىنغان.
قوللاش ۋە مەدەت بولسىلا بىز ھالقىيالمايدىغان دولقۇن يوق.