كونۇخا كەنتى

كونۇخا كەنتى (木叶隐村)

كونۇخا كەنتى

كونۇخا كەنتى، ئوت دۆلىتىدىكى نىنجالار كەنتى بولۇپ، تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن دۆلەت بېگى ۋە ئوت ئاتامانىنى تەڭ ئورۇندا كۆرگەن، شۇ سەۋەبتىن قوش قاشتاش دېگەن ئۇقۇم پەيدا بولغان.
كونۇخا كەنتى تۇنجى ئەۋلاد ئوت ئاتامان سېنجۇ ھاشىراما ۋە ئۈچىخا مادارا بىرگە قۇرغان نىنجالار كەنتى بولۇپ، كەنت قۇرۇلىشتىن ئىلگىرى جاھان تىنىچ ئەمەس ھەممە جايلار ئۇرۇش ئوتى بىلەن تولغان، ئالدىنقى ئورۇندىكى ۋە كۈچلۈك سېنجۇ جەمەتى بىلەن ئۈچىخا جەمەتى تىنىچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ سېنجۇ ھاشىراما ئوت ئاتامانى، ئۈچخا مادارا كەنت مۇداپىئەسىگە مەسئۇل بولغان.

ئاتامانلار

  • تۇنجى ئەۋلاد ئوت ئاتامان: سېنجۇ ھاشىراما (初代目火影·千手柱间)
    ھاشىراما، سېنجۇ جەمەتىنىڭ جەمەت بېشى ۋە كونۇخا كەنتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ئالتە يوللۇق سېننىن ئوتسۇتسۇكى خاگورومونىڭ ئوغلى ئاشۇرانىڭ بىر ئەۋلاد كىيىنكى يارالمىشى، ياغاچ تونغا ماھىر، كۈچلۈكلىكىدىن قۇيرۇقلۇق مەخلۇقنىمۇ كونترول قىلالايدۇ.
  • ئىككىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامان: سېنجۇ توبىراما (二代目火影·千手扉间)
    توبىراما، ھاشىرامانىڭ ئىنىسى ھەمدە سېنجۇ جەمەتىنىڭ كىيىنكى ۋارىسى شۇنداقلا 2-ئەۋلاد ئوت ئاتامان، كونۇخا كەنتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ھاشىرامانىڭ ئەقىل خالتىسى دېسەكمۇ بولىدۇ، ھاشىراما ئاساسەن كاللىسى ئۆتكۈر توبىرامادىن مەسلىھەت ئالىدۇ.

توبىراما ماھارەت تەتقىقات قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش ئىشلىرىدا كامالەتكە يەتكەن، ئۇ ئىجاد قىلغان ماھارەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇپلا قالماي ھالەك قىلىش خارەكتىرى كۈچلۈك بولغاچقا چەكلەنگەن، توبىراما ئۇچقۇر چاقماق ماھارىتى (پەيتلىك يۆتكىلىش ماھارىتىگە تەۋە)، كۆلەڭگىلىك كۆپىيىش ماھارىتى ۋە ئېدو تېنسې (چەكلەنگەن ماھارەت) قاتارلىق ماھارەتلەرگە ماھىر، ھېس قىلىش كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى

  • ئۈچۈنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامان: سارۇتوبى خىرۇزېن (三代目火影·猿飞日斩)
    سارۇتوبى خىرۇزېن، تۇنجى ئەۋلاد ۋە 2-ئەۋلاد ئوت ئاتامانىنىڭ تەربىيلىگەن شاگىرتى، بەش خىل چاكىرا خۇسۇسىيىتى ئىشلىتەلەيدۇ نىنجا ماھارىتى پروفېسسورى دېگەن نامى بار، رىۋايەتتىكى ئۈچ چوڭ نىنجا (جىراييا، سۇنادى، ئوروچىمارۇ) لارنى تەربىيلەپ چىققان، تارىختىن بۇيانقى ھوقۇقى ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت ئاتامان بولغان.
  • تۆتىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامان: نامىكازى مىناتو (四代目火影·波风水门)
    مىناتو، رىۋايەتتىكى ئۈچ چوڭ نىنجا جىراييانىڭ شاگىرتى، كاللىسى ئالاھىدە ئۆتكۈر ھەممە ئېتىراپ قىلغان، ھەتتا ھاشىراما ۋە توبىرامامۇ ئېتىراپ قىلغان تالانتلىق نىنجا، ماھارەت تەتقىق قىلىشقا ماھىر توبىراما بىلەن تەڭ دېگۈدەك ئورۇندا ئەمەلىي كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى، توبىرامانىڭ ئۇچقۇر چاقماق ماھارىتىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ « سېرىق چاقماق » دېگەن نامى بار ھەمدە سېننىن ماھارىتىنى تولۇق ئىگەللىگەن.
  • بەشىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامان: سۇنادى (五代目火影·纲手)
    (فامىلىسى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان، ئۈزۈماكى مىتونىڭ بىر تۇققان سىڭلىسى ياكى ھەدىسىنىڭ قىزى )

سۇنادى، تۇنجى ئەۋلاد ئوت ئاتامان سېنجۇ ھاشىرامانىڭ نەۋرىسى (جىيەن نەۋرىسى)، رىۋايەتتىكى ئۈچ چوڭ نىنجانىڭ بىرى، داۋالاش ماھارىتى ئەڭ يۇقىرى سۇنادى مەلىكە دېگەن نامى بار، تەن ماھارىتى ۋە داۋالاش ماھارىتىگە ماھىر، «نارۇتو» دا خىسلەتلىك تىۋىبە دەپ ئاتالغان.

  • ئالتىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامان: خاتاكى كاكاشى (六代目火影·旗木卡卡西)
    كاكاشى، 4-ئەۋلاد ئوت ئاتامان نامىكازى مىناتونىڭ شاگىرتى، 12 يېشىدىلا يۇقىرى نىنجا بولغان تالانتلىق نىنجا. 2-قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋەزىپە جەريانىدا ھەمراھى ئۈچىخا ئوبىتونىڭ سول كۆزىگە ۋارىسلىق قىلغان. 7-سىنىپ ئۈزۈماكى نارۇتو، ئۈچىخا ساسكې، خارۇنو ساكۇرالارنىڭ يېتەكچىسى شىكامارۇدەك زېرەك، كىبادەك سەزگۈر جادۇ كۆزى ئارقىلىق ھەرخىل نىنجا ماھارىتىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەچكە «كوپىي نىنجا كاكاشى» دەپ ئاتالغان.
  • يەتتىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامان: ئۈزۈماكى نارۇتو (七代目火影·漩涡鸣人)
    نارۇتو، 4-ئەۋلاد ئوت ئاتامان نامىكازى مىناتو ۋە 2-ئەۋلاد كۇراما (توققۇز قۇيرۇق)نىڭ قاچىلىغۇچىسى ئۈزۈماكى كۇشىنانىڭ ئوغلى، رىۋايەتتىكى ئۈچ چوڭ نىنجا جىراييانىڭ شاگىرتى، پاقا سېننىن چۈشىدە ئايان بولغان بېشارەتلىك ئوغۇل، ئاشۇرانىڭ كىيىنكى يارالمىشى، كۇرامانىڭ 3-ئەۋلاد قاچىلىغۇچىسى، شامال تون ۋە زۇۋان تون (ناتىق قابىلىيەت)غا ماھىر بولۇپ، ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ئاماللىرى بىلەن كۈتۈلمىگەن 1-نىنجا دەپ نامى بار.

كەنت ئورۇنلىرى

مەخپىي قىسىم
بۇ ئوت ئاتامانغا بىۋاستە قاراشلىق ئالاھىدە قىسىم، تولۇق ئاتلىشى «يوشۇرۇن تاكتىكىلىق ئالاھىدە قىسىم»، جەڭ ياكى ۋەزىپىلەردە بۇيرۇق بەرگەن ھامان ئالدىنقى سەپكە بارىدۇ، مەخپىي قىسىمنىڭ ئەزالىرى ھەممىسى تالانتلىق نىنجالار، ھەرۋاقىت نىقاپ تاقاپ يۈرۈيدۇ، ئېغىر ۋە تۇيدۇرمايدىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، شۇنچىلىك يوشۇرۇنكى ھەتتا ۋەزىپە جەريانىدا بايقىلىپ ياكى مەغلۇپ بولسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرگە كۈلىنىمۇ قويماي يوقىتىدۇ.

يىلتىز
بۇ قىسىمنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى «مەخپىي قىسىم تەربىيلەش بۆلۈمى»، مەخپىي قىسىمغا تەۋە ئالاھىدە ھەركەتچان قىسىم، كونۇخانىڭ پېشقەدەم ئادىمى بولغان دانزوغا قاراشلىق قىسىم يەنى دانزو ئۆز ئالدىغا قۇرىۋالغان تەشكىلات، ئوت ئاتامانىمۇ ئارلىشالمايدۇ ۋە باشقۇرالمايدۇ، ئاق ۋە قارا پىلاش ئارتىۋالغان، توققۇز قۇيرۇق ئىشىدىن تارتىپ ئۈچىخا جەمەتىنىڭ قىرىلىپ كېتىشىگىچە «يىلتىز» بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەخپىي قىسىم بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى «يىلتىز» دىن ساپلا ھېسياتسىز قاتىللار چىقىدۇ، ھەتتاكى ئۆز تۇققىنى ياكى ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ، گەرچە ئۈچىخا جەمەتى قىرىلغاندىن كىيىن تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ ئاستىرىتتىن ئىشلەۋاتقان ئەزالار يەنىلا مەۋجۇت...

جەمەتلەر

  • سېنجۇ جەمەتى (千手一族)
    كونۇخا كەنتىنى قۇرغان جەمەتنىڭ بىرى، ھازىرغا قەدەر 3 نەپەر ئوت ئاتامان چىققان، سېنجۇ جەمەتىنىڭ ئالاھىدىلىكى چاكىراسى غايەت زور، ھاياتى كۈچى ئالاھىدە كۈچلۈك، ئالتە يوللۇق سېننىن ئوتسۇتسۇكى خاگورومونىڭ ئوغلى ئاشۇرانىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى، ئۈزۈماكى جەمەتى يىراق تۇققىنى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، ئۈچىخا جەمەتى بىردىن-بىر ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان جەمەت.
  • ئۈچىخا جەمەتى (宇智波一族)
    كونۇخا كەنتىنى قۇرغان جەمەتنىڭ بىرى، ئۈچ چوڭ كۆز ماھارىتىنىڭ بىرسى بولغان جادۇ كۆزگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئالتە يوللۇق سېننىن ئوتسۇتسۇكى خاگورومونىڭ ئوغلى ئىندورانىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى، سېنجۇ جەمەتى بىلەن ئۇزۇن يىل جەڭ قىلىپ ئاخىردا ئۈچىخا مادارا بىلەن سېنجۇ ھاشىراما بىرلىكتە كونۇخا كەنتىنى قۇرغان، ياپونچە ئوقۇلىشى "يۇمىلاق يەلپۈگۈچ" دېگەنگە يېقىن ئوقىلىدۇ، ھەمدە ئوت تونغا ماھىر بولغاچقا يەلپۈگۈچ ئۈچىخا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
  • خيۈگا جەمەتى (日向一族)
    كونۇخادىكى قەدىمىي جەمەتلەرنىڭ بىرى، ئەجدادى ئوتسۈتسۈكى كاگۇيا، يەنە كېلىپ ئالاھىدىلىكى بولغان ئاق كۆزگە ۋارىسلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كونۇخادىكى كۈچلۈك تەن ماھارىتى بولغان ئېلاستىك مۇشتقا ئىگە، «كونۇخا بويىچە ئەڭ كۈچلۈكى خيۈگا» دەپمۇ نامى بار. جەمەتىنى قوغداش ئۈچۈن خيۈگا جەمەتى "باش جەمەت ۋە بۆلۈنمە ئائىلە» دەپ ئايرىغان، ئېچىنىشلىق يېرى بۆلۈنمە ئائىلە تۇغۇلىشىدىنلا باش جەمەتكە بويسۇنىشى كېرەك، قارشى چىقماسلىقى ئۈچۈن كىچىكىدىن باشلاپلا پېشانىسىگە ئەپسۇنلۇق چەكمە كىرگۈزىۋېتىلگەن، باش جەمەتكە نىسپەتەن يامان نىيەت ياكى باشقا ئويدا بولسا ئەپسۇن كۈچى ئېغىر بولغاندا ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ يېنىك بولغاندىمۇ نەچچە كۈن ياتقۇزۇپ قويىدۇ، بۇ خيۈگا جەمەتىنىڭ زىددىيەت مەنبەسىنىڭ بىرسى.
  • ئۈزۈماكى جەمەتى (漩涡一族)
    قەدىمىي جەمەتلەرنىڭ بىرسى، ئەسلىدە ئۈزۈ دۆلىتىدىكى كىچىك كەنت، بەنت قىلىش ماھارىتى جەھەتتە ئالاھىدە ئۇستا ۋە ئەڭ كۈچلۈك جەمەت، ھاياتى كۈچى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك، زور دەرىجىدىكى چاكىراغا ئىگە، ھەتتا قۇيرۇقلۇق مەخلۇقلارنىمۇ بېسىپ تۇرالايدۇ، شۇ سەۋەبتىن كونۇخا قۇيرۇقلۇق مەخلۇق بەنت قىلىشقا ئۈزۈماكى جەمەتىنى تاللاپ شۇنداق قىلىپ كەلگەن، ئالاھىدىلىكى چېچى قىزىل كېلىدۇ، چاكىراسى خوراپ كەتسە چېچى ئاقىرىپ كېتىدۇ، سېنجۇ جەمەتى بىلەن قانداشلىقى بار، شۇڭا بۇرۇندىن تارتىپ چوڭقۇر باغلىنىشلىقى بار، كونۇخا نىنجالىرىنىڭ فورمىسىنىڭ كەينىدىكى دەل ئۈزۈماكى جەمەتىنىڭ بەلگىسىدۇر، باشقا جەمەتلەر ئۈزۈماكى جەمەتىنىڭ بەند قىلىش ماھارىتىدىن قورقۇپ، بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ قىرىۋەتكەن، بارا-بارا ئۈزۈ دۆلىتىمۇ ھالەك بولۇپ يوقالغان.
  • سارۇتوبى جەمەتى (猿飞一族)
    كونۇخا كەنتى قۇرۇلغان ۋاقىتتا قېتىلغان جەمەت، پۈتۈن جەمەت ئەزالىرى ئۆزىنى كونۇخا ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن دېسەكمۇ بولىدۇ، ئوت تونغا ماھىر، مۇنەۋۋەر نىنجالىرى 5 خىل خۇسۇسىيەتلىك چاكىرانى بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ.
  • نارا جەمەتى (奈良一族)
    كونۇخا كەنتىنىڭ داڭدار جەمەتلىرىدىن بىرى، كۆلەڭگە ماھارىتىگە ئۇستا، گەرچە سېنجۇ، ئۈچىخا، خيۈگا جەمەتلىرىدەك داڭلىق بولمىسىمۇ، مۇقەررەر ئورنى بار، نارا جەمەتىنى كونۇخا كەنتىنىڭ قوماندان جەمەتى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ، نەچچە ئەۋلاد ئوت ئاتامانىغا يول كۆرسىتىدىغان ۋە جەڭ تاكتىكىلىرى تۈزىدىغان قوماندان رولىنى ئويناپ كەلگەن كاللىسى ئالاھىدە ئۆتكۈر كىشىلەر چىقىدىغان جەمەت.
  • ئاكىمىچى جەمەتى (秋道一族)
    كونۇخا كەنتىنىڭ جەمەتلىرىدىن بىرى، تېنى باشقا جەمەتكە قارىغاندا چوڭ، چاكىراسى ئارقىلىق تېنىنى پۈتۈنلەي ۋە قىسمەن ھالەتتە چوڭايتالايدۇ ھەم كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرالايدۇ، نوقۇل تەن كۈچى جەھەتتىن كونۇخا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك جەمەت، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزى كەشىپ قىلغان جەڭ دورىسى ئارقىلىق كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرالايدۇ ۋە ئۆزىنى ناھايىتى يېنىكلىتەلەيدۇ.
  • ياماناكا جەمەتى (山中一族)
    كونۇخا كەنتىنىڭ جەمەتلىرىدىن بىرى، ئەجدادلىرىدىن قالغان مەخپىي ماھارەت قەلب ئالماشتۇرۇش ماھارىتى بار، شۇ ماھارەتتىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنى كونترول قىلالايدۇ، لېكىن ئۆز تېنىنى باشقۇرالمايدۇ، ئالاھىدە ھېس قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
  • ئىنۇزۇكا جەمەتى (犬冢一族)
    كونۇخا كەنتىنىڭ جەمەتلىرىدىن بىرى، بىردىن-بىر ئىتنى جەڭ كۈچى قىلغان جەمەت، ئىتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، پۇراش ۋە ئىز قوغلاشقا ماھىر، ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىت جەمەتى، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ تىرناق ۋە ھەركەتلىرى ئىتقا ئوخشاش ئۆتكۈر بولۇپ شۇنىڭغا تايىنىپ جەڭ قىلىدۇ.
  • ئابۇرامى جەمەتى (油女一族)
    كونۇخا جەمەتىنىڭ مەخپىي جەمەتلىرىدىن بىرى، جەمەت ئادەملىرى ئۆز تېنىدىكى چاكىرا ئارقىلىق بەنىدە ھاشارەتلەرنى بېقىپ، پارازىتلاشتۇرۇپ شۇ ھاشارەت ئارقىلىق جەڭ قىلىدۇ، ئابۇرامى جەمەتىدىكى ھەممەيلەن ھاشارەتكە تايىنىپ جەڭ قىلىدۇ.

ۋەزىپە دەرىجىلىرى

  • S دەرىجىلىك ۋەزىپە
    دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي مىليون ئىنئاملىق ۋەزىپە، مەسىلەن مۇھىم ئادەم قەستلەش، مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئوغۇرلاش.
  • A دەرىجىلىك ۋەزىپە
    دۆلەت ياكى كەنتنىڭ 500 مىڭدىن مىليونغىچە ئىنئاملىق ۋەزىپە، مۇھىم ئادەملەرنى قوغداش ۋە نىنجالار قوشۇنىنى تارمار قىلىش.
  • B دەرىجىلىك ۋەزىپە
    نىنجالار ئارا ئېلىشىش ۋەزىپىسى، 8~10 تۈمەن ئىنئاملىق ۋەزىپە، مۇھاپىزەت قىلىش، رازۋىدكا قىلىش ۋە مەلۇم نىنجانى قەستلەش.
  • C دەرىجىلىك ۋەزىپە
    كۆزلىگەن بىرەسىنى يارلاندۇرۇش ۋەزىپىسى، 3~10 تۈمەن ئىنئاملىق ۋەزىپە، مۇھاپىزەت قىلىش، يىرتقۇچ تۇتۇش ۋە تارمار قىلىش.
  • D دەرىجىلىك ۋەزىپە
    ئېلىشمايدىغان سەۋەبلىك ۋەزىپە، 5 مىڭدىن 5 تۈمەنگىچە ئىنئاملىق ۋەزىپە، ئەرمەك ھايۋان ئىزدەش، بالا بېقىش ياكى ئادەتتىكى ئىشلارغا ياردەم قىلىش.
مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: https://dolqun.net/archives/15/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
تەرجىمە فىلىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشى
ئالدىنقىسى...» 09-01
سىنا كەنتى
«...كېيىنكىسى 09-03

مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر

تەسىراتىڭىز:

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.1
جەمئىي 27 پارچە تېما | بىر تۈمەنلىك زىيارەت
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

4

خەتكۈچلەر