كىرى كەنتى

كىرى كەنتى
كىرى كەنتى
سۇ دۆلىتى-كىرى كەنتى، ئەتراپىدا سۇ بار كەنتنى قېلىن تۇمان قاپلاپ تۇرغاچقا «كىرى» تۇمان كەنتى دەپ ئاتالغان ھەمدە يېپىق ھالەتتىكى كەنت.
بەشىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامانى ھوقۇقنى ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ئىلگىرى كەنت قىرغىنچىلىققا بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولغاچقا «قانلىق تۇمان كەنتى» دەپ ئاتالغان، شۇ ۋاقىتتا نىنجالار توپىلاڭ قوزغىغان بولۇپ لېكىن مەغلۇپ بولغان، كىيىن بەشىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامانى تېرۈمى مېي ھوقۇقنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كىيىن تىنىچلىق ئېلىپ كېلىپ كەنتنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن.

ئاتامانلار

  • تۇنجى ئەۋلاد سۇ ئاتامان: بياكۇران (初代目水影·白莲)
    تۇنجى ئەۋلاد سۇ ئاتامان بياكۇران، كىرى كەنتىنىڭ قۇرغۇچىسى، تۇنجى قېتىملىق «بەش ئاتامان يىغىلىشى» غا 3-ئەۋلاد سۇ ئاتامان بىلەن بىرگە قاتناشقان. (مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى مۇشۇنچىلىك)
  • ئىككىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان: خوخزۇكى گېنگېتسۈ (二代目水影·鬼灯幻月)
    ئىككىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان خوخزۇكى گېنگېتسۈ، قىززىقچى ۋە ئېلىشىش سارىڭى بولۇپ سۇ تونغا ئالاھىدە ماھىر، ھايات ۋاقتىدا 2-ئەۋلاد تۇپراق ئاتامان بىلەن ئېلىشىپ تەڭ تۈگىشىپ ئۆلگەن.
  • ئۈچۈنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان: ئىسىم بېكىتىلمىگەن (三代目水影)
    ئۈچۈنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان ھەر ۋاقىت كۆزى يۇمۇلغان ھالەتتە، تۇنجى ئەۋلاد سۇ ئاتامان بىلەن بىرگە تۇنجى قېتىملىق «بەش ئاتامان يىغىلىشى» غا قاتناشقان
  • تۆتىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان: كاراتاچى ياگۇرا (四代目水影·枸橘矢仓)
    تۆتىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان كاراتاچى ياگۇرا كىچىك تۇرۇپلا ئاتامان بولۇشتىن سىرت، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۈچ قۇيرۇقنىڭ قاچىلىغۇچىسى بولغان ھەمدە مۇكەممەل قۇيرۇقلۇق مەخلۇقنى كونترول قىلالايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا مادارانىڭ خىيال ماھارىتىگە چۈشۈپ قېلىپ كەنتنى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئايرىۋەتكەن شۇ ۋاقىتلار «قانلىق تۇمان كەنتى» دەپ ئاتالغان.
  • بەشىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان: تېرۈمى مېي (五代目水影·照美冥)
    بەشىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان تېرۈمى مېي، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن «قانلىق تۇمان كەنتى» نىڭ زامانىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كەنتنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ تىنىچ كەنت بەرپا قىلغان، ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ ئۈچىخا مادارانىمۇ بېسىپ تۇرالىغۇدەك سۇ تون ماھارىتى بار. سۇ تۇن، ئوت تون، تۇپراق تون، چاقماق تون خۇسۇسىيىتىدىكى جەمەت ماھارىتى بولغان «ۋولقان تون» ۋە «قايناق تون» غا ئىگە بولۇپ بىردىن-بىر 2 خىل جەمەت ماھارىتىگە ئىگە نىنجا.
  • ئالتىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان: چوجۇرو (六代目水影·长十郎)
    ئالتىنچى ئەۋلاد سۇ ئاتامان چوجۇرو، 3-تۈركۈمدىكى «يەتتە قىلىچۋاز» نىڭ بىرى بولغان «قوش قىلىچ . كالكان بېلىق» نىڭ ئىشلەتكۈچىسى، كەنتىگە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستا قىلىچۋاز، تارتىنچاق، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق بولسىمۇ لېكىن ئەمەلىي كۈچى ئالاھىدە كۈچلۈك.
مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: https://dolqun.net/archives/26/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
ئىۋا كەنتى
ئالدىنقىسى...» 09-03
سېنجۇ جەمەتى
«...كېيىنكىسى 09-11

تەسىراتىڭىز:

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.1
جەمئىي 27 پارچە تېما | بىر تۈمەنلىك زىيارەت
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

4

خەتكۈچلەر