دەھشەتنارۇتو

سېنجۇ جەمەتى

سېنجۇ جەمەتى
سېنجۇ جەمەتى
كونۇخا كەنتى - سېنجۇ جەمەتى، قەدىمكى جەمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئادەتتىن تاشقىرى زور چاكىراغا ئىگە بولۇپلا قالماي، ھاياتى كۈچى ئالاھىدە كۈچلۈك، سېنجۇ جەمەتى ئالتە يوللۇق سېننىن ئۇستاز ئوتسۈتسۈكى خاگورومونىڭ ئوغلى ئاشۇرانىڭ ئەۋلادلىرى ھەمدە ئۈزۈماكى جەمەتىنىڭ يىراق تۇققىنى، سېننىن تەن ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلغان «ئورمانزار مىڭ قول» دەپ تەرىپلەنگەن. شۇنداقلا ئۈچىخا جەمەتى بىردىنبىر ئەيمىنىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلغان جەمەت. بۇرۇندىن تارتىپلا ئۈچىخا جەمەتى بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايتتى، ئاخىردا ئۈچىخا جەمەتىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدىكى سېنجۇ جەمەت بېشى سېنجۇ ھاشىرامانىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ئۆز ۋاقتىدىكى ئۈچىخا جەمەت بېشى ئۈچىخا مادارانى قايىل قىلىپ تىنىچلىق كېلىشىمى ھازىرلاپ بىرلىكتە كونوخا كەنتىنى قۇرغان.

جەمەت ئەزالىرى

  • سېنجۇ بۇتسۇما (千手佛间)
    ئۇرۇش مالىمانچىلىقى دەۋرىدە سېنجۇ جەمەتىگە باشچىلىق قىلغان جەمەت بېشى، ھاشىراما، توبىراما، كاۋاراما ۋە ئىتامانىڭ دادىسى، مىجەزى قاتتىق ۋە كاج بولۇپ دۈشمەن بولسا ھەتتا كىچىك بالا بولسىمۇ رەھىم قىلماستىن ئۆلتۈرۋېتىدۇ، بۇتسۇما ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ھاشىراما جەمەت بېشى بولغان.
  • سېنجۇ ھاشىراما (千手柱间)
    سېنجۇ جەمەتىنىڭ جەمەت بېشى، تۇنجى ئەۋلاد ئوت ئاتامان ۋە كونۇخا كەنتىنى قۇرغۇچىنىڭ بىرسى، ئاشۇرانىڭ كىيىنكى يارالمىشى، ياغاچ تونغا ماھارى بولۇپ ئەمەلىي كۈچى ئالاھىدە كۈچلۈك، قۇيرۇق مەخلۇقنىمۇ كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ، ئۇرۇش مالمانچىلىقى دەۋرىنى تىنىچلاندۇرغان 5 ئاتاماننىڭ بىرسى، تۇنجى قېتىملىق «بەش ئاتامان سۆھبىتى» گە قاتناشقان. ئۈچىخا مادارانىڭ رەقىبى ۋە دوستى بولۇپلا قالماي مادارا بىردىن-بىر ئەيمىنىدىغان نىنجا. ئۆز ۋاقتىدىكى جەڭ دەۋرىدە «ئالتە يوللۇق سېننىن» كەبى رىۋايەتكە ئىگە ۋە «نىنجالار پېشىۋاسى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن.
  • سېنجۇ توبىراما (千手扉间)
    سېنجۇ جەمەتىنىڭ ئۇرۇش مالمانچىلىقى دەۋرىدىن كىيىنكى جەمەت بېشى، ئىككىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامان ۋە كونۇخا كەنتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، كەنتنى قۇرۇشقا ھاشىراما زور كۈچ قوشقان بولسا، توبىراما كەنتنى گۈللەندۈرگەن دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ، توبىراما كەشىپ قىلغان پەيتلىك يۆتكىلىش ماھارىتىگە تەۋە «ئۇچقۇر چاقماق ماھارىتى»، «كۆلەڭگىلىك كۆپىيىش ماھارىتى» ۋە تىرىلدۈرۈش ماھارىتى بولغان «ئېدو تېنسې» قاتارلىق ماھارەتلەر نىنجالار دۇنياسىغا زور تەسىر ئېلىپ كەلگەن چەكلەنگەن ماھارەت پىرى، ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان ماھارەتلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئاساسەن دېگۈدەك كۆپىنچىسى چەكلەنگەن ماھارەت قاتارىغا كىرگۈزىۋېتىلگەن. «ئۇچقۇر چاقماق ماھارىتى»نىڭ تېزلىكىدىن «نىنجالار تېزلىك پىرى» دەپ ئاتالغان.
  • سېنجۇ كاۋاراما (千手瓦间)
    سېنجۇ ھاشىرامانىڭ 3-ئىنىسى، ئۇرۇش دەۋرىدە ئۈچىخا ۋە خاگورومو جەمەتى ئۆلتۈرۋەتكەن.
  • سېنجۇ ئىتاما (千手板间)
    سېنجۇ ھاشىرامانىڭ 4-ئىنىسى، ئۇرۇش دەۋرىدە ئۈچىخا جەمەتىنىڭ ئۈچ چېكىتلىك جادۇ كۆزگە ئىگە نىنجاسى ئۆلتۈرۋەتكەن.
  • سېنجۇ توۋكا (千手桃华)
    سېنجۇ جەمەتىدىكى مۇنەۋۋەر ئايال نىنجا بولۇپ، خىيال ماھارىتىگە ئالاھىدە ئۇستا، ئۆز دۆلىتىدىكىلەرمۇ ئېتىراپ قىلغان كۈچلۈك نىنجا.
  • سۇنادى (纲手)
    فامىلىسى ئېنىق ئەمەس، سېنجۇ ھاشىرامانىڭ ئايالى ئۈزۈماكى مىتونىڭ سىڭلىسى ياكى ھەدىسىنىڭ قىزى (ئېنىق خاتىرلەنمىگەن) شۇنداقلا ھاشىرامانىڭ نەۋرىسى ھېساپلىنىدۇ، بەشىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامان شۇنداقلا «رىۋايەتتىكى ئۈچ نىنجا» نىڭ بىرسى، داۋالاش ماھارىتى ئەڭ يۇقىرى ۋە تەلۋە كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى.
  • ناۋاكى (绳树)
    فامىلىسى ئېنىق ئەمەس، سۇنادىنىڭ ئىنىسى بولۇپ بىر قېتىملىق جەڭدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، چىراي شەكلى ۋە مىجەز خۇلقى ئۈزۈماكى نارۇتوغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، ھەمدە ئارزۇسى نارۇتونىڭكى بىلەن ئوخشاش ئوت ئاتامان بولۇش.
مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: https://dolqun.net/archives/30/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
كىرى كەنتى
ئالدىنقىسى...» 09-03
يەتتە چوڭ گۇناھكار
«...كېيىنكىسى 09-11

تەسىراتىڭىز:

ھازىر 2 دانە ئىنكاس بار

  1. كۇرەشLv.1 دەيدۇكى:
    2021-09-11 17:49     Android /    

    مەن ننىشقا كىرەلمەيمەن كىنومۇ كۇرەلمىدىمغۇ

    1. DolqunVLv.2 دەيدۇكى:
      2021-10-27 10:44     Win 10 /    

      @كۇرەش

      كۆرۈش يوللانمىدى

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.2
جەمئىي 27 پارچە تېما | بىر تۈمەنلىك زىيارەت
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

4

خەتكۈچلەر