ئوتتەكباشقىلار

پاكلىغۇچى

پاكلىغۇچى
كارتون فىلىم «پاكلىغۇچى» ياپونىيە ھەجۋىي رەسىم رەسسامى (久保带人) نىڭ ئەسىرى بولۇپ، 2001-يىلى ھەجۋىي رەسىملىك كىتابى، ھەجۋىي رەسىم گۇرۇھى «周刊少年JUMP» بايراق ئاستىدا نەشىر قىلىنغان، Studio Pierrot كارتونچىلىقى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلىگەن، 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىغىچە توكيو تېلىۋىزىيە ئىستانزىسىدا قويۇلغان.

فىلىم نامى ھەقققدە
فىلىم ئەسلى نامى : BLEACH (يەنى :漂白 بولۇپ، ئاقارتىش ياكى ئاقارتقۇچى دېگەن مەنىدە) بولغاچقا، ھەمدە فىلىم ۋەقەلىكىگە ماس ھالدا فىلىم نامى «پاكلىغۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىندى. ھەمدە دۆلىتىمىزدە ئاخىردا تەستىقلانغىنى 《境·界》(يەنى چېگىرا ياكى چېگىرا دۇنيا دەپ ئېلىنغان).

قىسقىچە ھېكايە بايانى
باش قەھرىمان كۇروساكى ئىچىگو قارىماققا چۈشكۈن بوشاڭ كۆرۈنىدىغان لېكىن ناھايىتى قىززىق قان ياش ئۆسمۈر، ھەمدە تۇغۇلىشىدىنلا روھلارنى كۆرەلەيدۇ، ئۆز ئۆيىدە دادىسى ۋە ئىككى سىڭلىسى بىلەن شىپاخانا ئېچىۋالغان، پاكلىغۇچىنىڭ بىر قېتىملىق رەزىل روھ (خورو) لارنى يوقىتىش ھەركىتىدە پاكلىغۇچى «كۇچىكى رۇكىيا» بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئەسلىدە رەزىل روھ، روھىي كۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئىچىگونى دەپ كەلگەن بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك باشقىلارغا ئاۋارچىلىق تېپىپ بېرىدۇ، تاساددىپىي پاكلىغۇچى ئېغىر يارلىنىپ ئېلىشالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقتىن ۋاقتىنچە كۇروساكى ئىچىگو مۇۋەققەت پاكلىغۇچى بولىدۇ، ھەمدە پۈتكۈل ھاياتى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ ئاجايىپ سەزگۈرەشتىسى باشلىنىدۇ...

قىسىم مۇندەرىجىسى

001~021-قىسىمغىچە - مۇۋەققەت پاكلىغۇچى قىسسىسى (تەرجىمىسى پۈتۈپ بولدى)
021~041-قىسىمغىچە - روھ ئالىمىگە يوشۇرۇن كىرىش قىسسىسى (تەرجىمىسى پۈتۈپ بولدى)
042~063-قىسىمغىچە - روھ ئالىمى كەسكىن جەڭ قىسسىسى (تەرجىمىسى پۈتۈپ بولدى)
064~091-قىسىمغىچە - روھ ئوۋلاش قىسسىسى (تەرجىمىسى پۈتۈپ بولدى)
092~109-قىسىمغىچە - روھ ئالىمى ئۇشتۇمتۇت زەربە قىسسىسى (تەرجىمىسى پۈتۈپ بولدى)
110~127-قىسىمغىچە - تۇنجى قەدەم قىسسىسى
128~137-قىسىمغىچە - خىتسۇگايا ئەترىتى كۈرەش قىسسىسى
138~146-قىسىمغىچە - خورو ئۇۋىسىغا كىرىش قىسسىسى
147~147-قىسىمغىچە - گىگانىت خورو جاڭگاللىقى قىسسىسى
150~167-قىسىمغىچە - سۇنۇق نىقاب . كەسكىن جەڭ قىسسىسى
168~189-قىسىمغىچە - يېڭى ئەترەت باشلىقى ئاماگاي شۇسكى قىسسىسى
190~203-قىسىمغىچە - خورو ئۇۋىسى ئونقىر كەسكىن جەڭ قىسسىسى
204~205-قىسىمغىچە - توپ تېپىش قىسسىسى
206~212-قىسىمغىچە - ئۆتمۈش قىسسىسى
213~214-قىسىمغىچە - دەپنە ئىشلىرى قىسسىسى
215~226-قىسىمغىچە - كاراكۇراچونى قوغداش قىسسىسى
227~229-قىسىمغىچە - ئۆتكۈنچە ھېكايە قىسسىسى
230~255-قىسىمغىچە - يېڭى ئاجايىپ روھ قىلىچ قىسسىسى
239-قىسىم - ئويغان، مۇز ئەجدەر ! خىتسۇگايانىڭ كەسكىن جېڭى
256~265-قىسىمغىچە - روھ قىلىچ ئايرىم قىسسىسى
266~286-قىسىمغىچە - ئونقىر ھەل قىلغۇچ جەڭ قىسسىسى
287-قىسىم ئىچىگو ۋە جىن چىراغ ئالاھىدە قىسسىسى
288~305-قىسىمغىچە - كاراكۇراچو قالايمىقان جەڭ قىسسىسى
306~310-قىسىمغىچە - ھايزېن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىسسىسى
311-قىسىم دەپنە ئىشلىرى قىسسىسى 2
312~316-قىسىمغىچە - ئايرىم تەرجىمىھال قىسسىسى
317~341-قىسىمغىچە - 13-مۇھاپىزەت ئەترىتى تاجاۋۇزچى قىسسىسى
343~366-قىسىمغىچە - ھازىرلاش قىسسىسى
355-قىسىم ئىجادىي ۋەقەلىك

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: https://dolqun.net/archives/38/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
ئوۋچى
ئالدىنقىسى...» 09-11
ئالۋاستى يوقاتقۇچى
«...كېيىنكىسى 09-11

تەسىراتىڭىز:

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.2
جەمئىي 27 پارچە تېما | بىر تۈمەنلىك زىيارەت
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

4

خەتكۈچلەر