دېڭىز قاراقچىسى شاھى

دېڭىز قاراقچىسى شاھى
كارتون فىلىم «دېڭىز قاراقچىسى شاھى» ياپونىيە ھەجۋىي رەسىم رەسسامى ئېچىرو ئودا 尾田荣一郎 نىڭ ئەسىرى بولۇپ، 周刊少年Jump تەرىپىدىن 1997-يىلى كىتاپچە قىلىنىپ بېسىلغان، 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ فۇجى تېلىۋىزىيەسى كارتون فىلىمىنى قويۇپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 41-قېتىملىق ياپونىيە ھەجۋىي رەسىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە 300 مىليوندىن ئارتۇق سېتىلغان، ھەمدە «دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئىجادىي ھەجۋىي رەسىم» دەپ دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتقان. 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى تەستىقلاپ ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىنى دېڭىز قاراقچىسى شاھى خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

قىسقىچە ھېكايە بايانى
بايلىق، ئابروي، كۈچ، بۇ دۇنيادىكى ھەممىگە ئېرىشكەن ئادەم بولسا دېڭىز قاراقچىسى گور د روجا. ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى كور د روجانىڭ " غوجا ئاكاڭنىڭ بايلىقلىرىمۇ؟ نوچى بولساڭ بېرىپ ئىزدەڭلار، جاھاندىكى ھەممە نەرسىنى ئۇ يەرگە قويۇپ قويدۇم" دېگەن گېپى بىلەن ئەركەكلەر ئارزۇلىرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن دېڭىزغا قاراپ چاپتى، جاھان دېڭىز قاراقچىسى دەۋرىگە كىردى ھەمدە بۇلار ئىچىدىكى مونكىي د رۇفى دېڭىز قاراقچىسى شاھى بولۇشنى نىشان قىلىپ ھەمراھلىرىنى ئىزدىگەچ، ئاجايىپ - غارايىپ سەزگۈرەشتىسىنى باشلاپ كەتتى...

پېرسۇناژلار

  • مونكى د رۇفى(モンキーD·ルフィ/Monkey D. Luffy)
    رۇفى

سالاھىيىتى: چىغ قالپاق دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ كاپىتانى (قىسقارتىپ چىغ قالپاقلار دىيىلىدۇ)
يۇرتى: شەرقىي دېڭىز چاقپالەك كەنتى.
تۈرى: سېھىرلىك مېۋە يېگەن ئادەم (ئىبلىس مېۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)
سېھىرلىك مېۋە تۈرى: دەرىجىدىن تاشقىرى تىپتىكى كاۋچۇك مېۋىسى
ئالاھىدىلىكى: قورساق توقلاش
ئارزۇيى: رىۋايەتلەردىكى بايلىق ۋانپىس (one piece) تېپىش ۋە دېڭىز قاراقچىسى شاھى بولۇش.
كېلىپ چىقىشى: دادىسى مونكى د دوراگون، بوۋىسى دېڭىز ئارمىيە قەھرىمانى گاپۇ.
ئىنئام سوممىسى: كوكويوشى يېزىسىدىكى ۋەقەدە 30 مىليون ← ئاراباستا ۋەقەسىدە 100 مىليون ← ئەدىلىيە ئارىلى ۋەقەسىدە 300 مىليون (داۋامى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەچ يېڭىلىنىدۇ.)

  • رورونوۋا زورو (ロロノア·ゾロ/Roronoa Zoro)
    زورو

سالاھىيىتى: شەرقىي دېڭىزدىكى دېڭىز قاراقچىسى ئوۋچىسى ← چىغ قالپاقلارنىڭ جەڭچىسى
يۇرتى: شەرقىي دېڭىز
تۈرى: ئادەم (قىلىچۋاز)
كەمچىللىكى: يول قارغۇسى (تۈز يولدىمۇ ئېزىقىپ قالىدۇ)
ئارزۇيى: جاھاندىكى 1-قىلىچۋاز بولۇش
ئىنئام سوممىسى: ئاراباستا ۋەقەسىدە 60مىليون ← ئەدىلىيە ئارىلى ۋەقەسىدە 120 مىليون (داۋامى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەچ يېڭىلىنىدۇ.)

  • «ئوغرى مۈشۈك» نامى (ナミ/Nami)
    نامى

سالاھىيىتى: ئەسلى ئاروڭ دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئۆلچىگۈچىسى ← چىغ قالپاقلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى
يۇرتى: شەرقىي دېڭىز كوكويوشى كەنتى.
تۈرى: ئادەم
ئالاھىدىلىكى: خەرىتە سىزىش، ھاۋا رايى كۆزىتىش، ئوغۇرلۇق.
ئارزۇيى: ئۆزىنىڭ دېڭىز سەپىرى خەرىتىسى يەنى دۇنيا خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش.
ئىنئام سوممىسى: ئەدىلىيە ئارىلى ۋەقەسىدە 16 مىليون (داۋامى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەچ يېڭىلىنىدۇ.)

  • ئۇسوپپۇ (ウソップ/Usopp)
    ئۇسوپپۇ

سالاھىيىتى: بىكارچىلىقتىكى ئۇسوپپۇ دېڭىز قاراقچىلىرى ← چىغ قالپاقلارنىڭ مەرگىنى
يۇرتى: شەرقىي دېڭىز شىروپپۇ كەنتى
تۈرى: ئادەم
ئالاھىدىلىكى: ھەرخىل نەرسە ۋە قورال كەشىپ قىلىش، ئۇستا مەرگەن
ئارزۇيى: دېڭىزدىكى باتۇر جەڭچى بولۇش.
ئىنئام سوممىسى: ئەدىلىيە ئارىلى ۋەقەسىدە (مەرگەن شاھى سالاھىيىتىدە) 3 مىليون (داۋامى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەچ يېڭىلىنىدۇ.)

  • سانجى (サンジ/Sanji)
    سانجى

سالاھىيىتى: دېڭىز ئۈستى رېستۇرانى باراتى مۇئاۋىن ئاشپەز بېشى ← چىغ قالپاقلارنىڭ ئاشپىزى
يۇرتى: شىمالىي دېڭىز
تۈرى: ئادەم
ئالاھىدىلىكى: تاماق ئېتىشكە بەكلا ئۇستا
كەمچىللىكى: خوتۇنپۇرۇش (قىزلارنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ، ھەتتا دۈشمىنى ئايال بولسىمۇ ھۇجۇم قىلمايدۇ)
كېلىپ چىقىشى: ۋىنسىموكۇ جەمەتىنىڭ 3-بەگزادىسى
ئارزۇيى: رىۋايەتتىكى مۆجىزىۋى دېڭىز بارچە دېڭىز (ALL BLUE) نى تېپىش. يەنە بىر تەرەپتىن قىزلارنى مارىلاش ئۈچۈن كۆرۈنمەس ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.
ئىنئام سوممىسى: ئەدىلىيە ئارىلى ۋەقەسىدە 77 مىليون. (داۋامى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەچ يېڭىلىنىدۇ.)

  • پاختا كەمپۈتكە ئامراق چوپپا(トニートニーチョッパー/Tony Tony Chopper)
    چوپپا

سالاھىيىتى: قىش ئارىلىدىكى دوختۇر ← چىغ قالپاقلارنىڭ دوختۇرى
يۇرتى: ئۇلۇغ قانال قىش ئارىلى
تۈرى: سېھىرلىك مېۋە يېگەن بۇغا
سېھىرلىك مېۋە تۈرى: جانۋار تىپىدىكى ئادەم مېۋىسى.
ئالاھىدىلىكى: داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى. بەدىنىنى ۋە كۈچىنى چوڭ-كىچىك قىلالايدۇ.
ئارزۇيى: ھەممىگە قادىر دورا بولۇش (ھەرقانداق كېسەلنى داۋالىيالايدىغان دوختۇر بولۇش)
ئىنئام سوممىسى: ئەدىلىيە ئارىلى ۋەقەسىدە ئەللىك بېرى. (داۋامى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەچ يېڭىلىنىدۇ.)

  • ئىبلىس بالىسى نىكو روبىن(ニコ·ロビン/Nico Robin)
    روبىن

سالاھىيىتى: ئوخارا ئارىلى ئارخېئولوگ ← باروككوۋاكۇسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ← چىغ قالپاقنىڭ ئارخېئولوگچىسى
يۇرتى: غەربىي دېڭىز ئوخارا ئارىلى (ھالەك بولدى)
تۈرى: سېھىرلىك مېۋە يېگەن ئادەم
سېھىرلىك مېۋە تۈرى: دەرىجىدىن تاشقىرى تىپتىكى گۈل مېۋىسى.
ئالاھىدىلىكى: ئارخېئولوگ، ئەستە ساقلاپ ئىقتىدارى يۇقىرى
ئارزۇيى: (ئاپئاق 100 يىل ) ھەقىقىي تارىخى پۈتۈكنى تېپىش، ھەمدە تارىخى پۈتۈكنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇلۇغ قانالنىڭ ئاخىرى رافۇتارۇغا بېرىش.
ئىنئام سوممىسى: ئوخارا ۋەقەسىدە 79 مىليون ← ئەدىلىيە ئارىلى ۋەقەسىدە 80 مىليون (داۋامى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەچ يېڭىلىنىدۇ.)

  • فۇرانكى (フランキー/Franky)
    فۇرانكى

سالاھىيىتى: تام كېمىسازلىقىنىڭ شاگىرتى ← يەتتە سۇ فۇرانكى جەمەتىنىڭ ئاتامانى ← چىغ قالپاقلارنىڭ كېمىچىسى
يۇرتى: جەنۇبى دېڭىز
تۈرى: ئۆزگەرتىلگەن ئادەم (يېرىم مېخانىك ئادەم)
ئالاھىدىلىكى: كېمە ياساشقا ئۇستا بولۇپلا قالماي بىناكارلىققىمۇ ئاجايىپ ئۇستا، دۈمبىسىدىن باشقا يېرى ئاساسەن دېگۈدەك مېخانىك (دۈمبىسىگە قولى يەتمىگەن)
ئارزۇيى: خىيالىدىكى كېمىنى ياساپ چىقىش، سانىگونى ياساپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن سانىگو بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىش.
ئىنئام سوممىسى: ئەدىلىيە ئارىلى ۋەقەسىدە 44 مىليون (داۋامى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەچ يېڭىلىنىدۇ.)

  • بۇرۇككۇ (ブルック/Brook)
    بۇرۇككۇ

سالاھىيىتى: مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ قوغدىغۇچى ئەترەت باشلىقى ← رۇمبا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ مۇۋەققەت كاپىتانى & قىلىچۋاز & مۇزىكانت ← چىغ قالپاقلارنىڭ مۇزىكانتى
يۇرتى: غەربىي دېڭىز
يېشى: 88 ياش (ئۆلۈپ تىرىلگەندىن كېيىنكى يېشى 38 ياش)
تۈرى: سېھىرلىك مېۋە يېگەن ئادەم
سېھىرلىك مېۋە تۈرى: دەرىجىدىن تاشقىرى تىپتىكى ئەجەل مېۋىسىنى يەپ ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەن.
ئالاھىدىلىكى: ھەرقانداق چالغۇدا مۇزىكا چالالايدۇ.
كەمچىللىكى: سەل بۇزۇق، قىزلارنى كۆرسىلا «كۇسۇرىڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ» دەيدۇ
ئارزۇيى: دۇنيانى بىر ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن قوش تۇمشۇقتىكى كىت دوستى رابۇن بىلەن قايتا ئۇچرىشىش.
ئىنئام سوممىسى: رۇمبا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ مۇۋەققەت كاپىتانى ۋاقىتتا 33 مىليون (داۋامى تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەچ يېڭىلىنىدۇ.)

قىسىم مۇندەرىجىسى:


شەرقىي دېڭىز قىسسىسى 1~60-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
ئاراباستا قىسسىسى 61~143-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
بوشلۇق ئارىلى قىسسىسى 144~195-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
دېڭىز ئارمىيە قورغىنى G8 قىسسىسى 196~206-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
فوكىشى دېڭىز قاراقچىلىرى قىسسىسى 207~228-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
سۇ شەھىرى قىسسىسى 229~263-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
ئەدىلىيە ئارىلى قىسسىسى 263~325-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
دېڭىز قاراقچى ئوۋچىسى قىسسىسى 326~336-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
قورقۇنچلۇق ئۈچ ماچكىلىق كېمە قىسسىسى 337~384-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
شابوندى تاقىم ئارىلى قىسسىسى 385~407-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
ئاياللار ئارىلى قىسسىسى 408~421-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
دېڭىز ئاستى تۈرمىسى قىسسىسى 456~422-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
چوققا ئۇرۇشى قىسسىسى 457~492-قىسىمغىچە (تەرجىمىسى پۈتتى)
قېرىنداشلار ئەسلىمە قىسسىسى 493~504-قىسىمغىچە
يېڭى دۇنياغا قاراپ ئالغا قىسسىسى 505~516-قىسىمغىچە
بېلىق ئادەم ئارىلى قىسسىسى 517~578-قىسىمغىچە
پانكۇخازادو ئارىلى قىسسىسى 579~628-قىسىمغىچە
دورېسۇروزا خانبالىقى قىسسىسى 629~750-قىسىمغىچە

سېھىرلىك مېۋە (ئىبلىس مېۋىسى)


سېھىرلىك مېۋە بولسا، «دېڭىز قاراقچىسى شاھى» دىكى بىرخىل مېۋە بولۇپ، يېگەندىن كېيىن ئادەتتىن تاشقىرى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئادەتتىن تاشقىرى تىپى، تەبىئەت تىپى، ھايۋانات تىپى ۋە تەتقىقات ئارقىلىق ئېرىشكەن سۈنئىي تىپتىن ئىبارەت تۆت خىلغا بۆلىنىدۇ. گەرچە مېۋىنى يەپ ئاجايىپ-غارايىپ كۈچكە ئىگە بولسىمۇ لېكىن سۇ ئۈزەلمەيدىغان ئەكىس تەسىرى بار. سېھىرلىك مېۋىنىڭ كۈچى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولىدۇ.

خاكى (ハキ,Haki)

خاكى بولسا ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر بۇ كۈچنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن ياكى بۇ كۈچنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر مۇھىم نۇقتىسىنى بىلەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ، يەنى «قەتئىي ئىشىنىش» تەك كۈچلۈكلۈك، تۇغما قابىلىيەتتىن باشقا چېنىقىش ئارقىلىق بۇ كۈچنى جارى قىلدۇرغىلى ياكى كەسكىن جەڭ قىلىش جەريانىدا ئويغىنىدۇ.

سەزگۈ خاكىئۈچ چوڭ خاكىنىڭ بىرسى، قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى كۈچلۈك ھېس قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلسە كۆرۈش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى دۈشمەننىڭ ئورنى، سانى ۋە كېيىنكى ھەركىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئاسمان ئارىلىدا «مانتورا» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەڭ كۈچلۈك سەزگۈ خاكى بولسا قارشى تەرەپنىڭ ئوي ۋە كەيپىياتىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئىدىيەسىنى تەسىرلەشتۈرەلەيدۇ، بۇ خىلدىكى ئەڭ كۈچلۈك سەزگۈ خاكىسى «ھۆكۈمرانلىق خاكى» دىنمۇ بەكراق ئاز ئۇچرايدۇ.
قوراللىق خاكىئۆزىنى كۆرۈنمەس ساۋۇت كىيىۋالدىم دەپ ئويلاش ئارقىلىق تەبىئىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ھەمدە بۇ بىردىن-بىر سېھىرلىك مېۋە يېگەن ئىقتىدارچىلار بىلەن ئېلىشالايدىغان ئۇسۇل، بۇ كۈچ بىلەن ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغان تەبىئەت تىپتىكى ئىقتىدارچىلارنىڭ ئەسلى تېنىغىمۇ ھۇجۇم قىلغىلى بولىدۇ.
ھۆكۈمرانلىق خاكىنەچچە مىليون ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بىرسى يەنى مىليوندا بىر كۆرۈلىدىغان خاكى بولۇپ، يەر-زېمىننى زىل-زىلگە كەلتۈردىغان كۈچلۈك بەتنىيىتى بارلارنىڭ ھەممىسىدە بار يوشۇرۇن كۈچ، ھۆكۈمرانلىق خاكىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن چېنىقىپ كۈچلەندۈرگىلى بولمايدۇ، ئىشلەتكۈچىنىڭ روھىغا تايىنىپ يېتىلىش جەريانىدا كۈچلىنىپ ماڭىدۇ. «يېڭى دۇنيا» دا بۇ كۈچكە ئىگە ئادەملەر بىر قەدەر كۆپ.

تۆت خان


تۆت خان بولسا «دېڭىز قاراقچىسى شاھى»دىكى تۆت چوڭ دېڭىز قاراقچىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، خان كەبى «ئۇلۇغ قانال» نىڭ كېيىنكى يېرىمى بولغان «يېڭى دۇنيا» غا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «تۆت خان»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شىچىبۇكاي» ۋە «دېڭىز ئارمىيەسى» ئۈچ چوڭ كۈچ دەپ ئاتالغان.

ئاقبۇرۇت

dolqun01.jpg
دېڭىز قاراقچىسى شاھىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز قاراقچىلار قوشۇنى «ئاقبۇرۇت دېڭىز قاراقچىلىرى»، ئاساسىي 16 بۆلۈنمە ئەترەتتە 1600 ئەزا بار. ھەر ئەترەتتە بىر ئەترەت باشلىقى بار، «ئاقبۇرۇت دېڭىز قاراقچىلىرى» بايراق ئاستىدا 43 دانە «يېڭى دۇنيا» دېڭىز قاراقچىلىرى ئەترىتى بار بولۇپ، جەمئىي 50مىڭ ئادەم بار.
كاپىتانى: ئېدوۋادو نىيۇگېتو (エドワード·ニューゲート)
ئۆمرى: 72 ياش، لەقىمى «ئاقبۇرۇت»، نامى «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەركەك»
ئىنئام سوممىسى: 5 مىليارد 46 مىليون.
ئىقتىدارى: ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى سېھىرلىك مېۋە تىپىدىكى تىترىتىش مېۋىسى.
ئاقبۇرۇت بولسا دېڭىز قاراقچىسى شاھى گورۇ د روجانىڭ دەۋرىدىكى كونا دەۋىرنىڭ دېڭىز قاراقچىسى بولۇپ، ئەسلىدە روككۇس دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئەزاسى ئىدى، گورۇ د روجا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاقبۇرۇت «تاجسىز شاھ » دەپ ئاتالغان.

قىزىل چاچ

dolqun02.jpg
قىزىل چاچ دېڭىز قاراقچىلىرى بولسا مۇستەھكەم قورغان دەپ نامى بار بولۇپ، ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى داڭدار، ئەمەلىي كۈچى بار دېڭىز قاراقچىلىرى.
كاپىتانى: شياڭكىس (シャンクス)
ھازىر 39 ياش، لەقىمى «قىزىل چاچ»
ئىنئام سوممىسى: 4 مىليارد 48 مىليون 900مىڭ
ئىقتىدارى: سېھىرلىك مېۋە يېمىگەن، خاكى ۋە قىلىچ ماھارىتىگە تايىنىپ ئېلىشىدۇ. ئىلگىرى روجا دېڭىز قاراقچىلىرى قوشۇنىنىڭ پراكتىكانت ئەزاسى ئىدى.

يىرتقۇچ دېڭىز قاراقچىلىرى

dolqun03.jpg
يىرتقۇچ دېڭىز قاراقچىلىرى بولسا، ھايۋان تىپىدىكى سېھىرلىك مېۋىنى ئاساس قىلغان دېڭىز قاراقچىلىرى قوشۇنى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋان تىپىدىكى سېھىرلىك مېۋە يېگەنلەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەزالىرى سۈنئىي ياسالغان ھايۋان تىپىدىكى مېۋە يېگەنلەر بولۇپ جەمئىي 500 نەپەر.
كاپىتانى: كايدو (カイドウ )
يېشى: نامەلۇم، لەقىمى «ھايۋانات پادىشاھى» ، نامى «ئەڭ كۈچلۈك جانلىق»
ئىنئام سوممىسى: 4 مىليارد 611 مىليون 100 مىڭ
ئىقتىدارى: ئەجدىھاغا ئۆزگىرەلەيدۇ، ئىقتىدارى ئېنىق ئەمەس
ئىنتايىن قاتتىق بەدەنگە ئىگە ۋە ئۆلمەس دەپ رىۋايىتى بار، ئەسلىدە روككۇس دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ پراكتىكانت ئەزاسى ئىدى.

بىگمام دېڭىز قاراقچىلىرى (BIG MOM)

dolqun04.jpg
بىگمام (چوڭ ئاپاش دېگەن مەنىدە) دېڭىز قاراقچىلىرى قوشۇنى دۆلەتنى ئاساس قىلغان دېڭىز قاراقچىلىرى بولۇپ، تەۋەلىكىدە جەمئىي 34 ئارال بار، ھەر ئارالدا بىردىن مەسئۇل ئادەم بار، بۇ چوڭ ئاپاشنىڭ 43 نەپەر ئېرى، 46 ئوغلى، 39 قىزى بار، ئاساسلىق ئەزاسى 129 ئادەم.
كاپىتانى: شارلوت رىنرىن (シャーロット・リンリン)
ھازىر 68 ياش، لەقىمى «BIG MOM بىگمام»
ئىنئام سوممىسى: 4 مىليارد 388 مىليون
ئىقتىدارى: دەرىجىدىن تاشقىرى تىپتىكى روھ مېۋىسىنى يېگەن.
ئەسلىدە روككۇس دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

تەپسىلىي ئارخىپى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ...


مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: https://dolqun.net/archives/50/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
ئالۋاستى يوقاتقۇچى
ئالدىنقىسى...» 09-11
جوجونىڭ ئاجايىپ سەزگۈرەشتىسى
«...كېيىنكىسى 09-13

مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر

تەسىراتىڭىز:

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.1
جەمئىي 27 پارچە تېما | بىر تۈمەنلىك زىيارەت
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

4

خەتكۈچلەر