مەن مونكى د رۇفى، دېڭىز قاراقچىسى شاھى بولىدىغان ئەركەك !

رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ
21 يىللىق ئارزۇ، 21 يىللىق ئىشەنىچ، 21 يىللىق تەۋەككۈلچىلىك، مانا بۈگۈنگە كەلگەندە ياپونىيە كارتون فىلىمى 21 يىللىق مۇساپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ 21 يىللىق ھاياتىمىزغا ھەمراھ بولدى، بىزمۇ دېڭىز قاراقچىسى ئاتامانى بولىدىغان ئەركەكنىڭ 21 يىللىق تەۋەككۈلىچىگە شاھىد بولدۇق، مانا 21 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى بىز ئەينى چاغدىكى گۆدەك ھالىتمىزدىن ياشلىقىمىزدىكى قىرانلىقىمىزغا قەدەم تاشلىدۇق، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۇنگە كەلگەندە بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئۆزگەردى، كىشىلىك ھايات يولىمىز ئۆزگەردى، نىشانىمىز ئۆزگەردى، بىراق ئۇنىڭ ئۆزگەرمىدى ئۇ دەل ياپونىيە كارتون فىلىمى دېڭىز قاراقچىسى شاھىنىڭ باش قەھرىمانى.

مونكىي· د · رۇفى
wBXGSe.md.jpg

رۇفى ياپونىيە كارتون فىلىمى دېڭىز قاراقچىسى شاھىدىكى باش پېرسۇناژ بولۇپ تولۇق ئىسمى مونكىي D رۇفىي، لەقىمى چىغ قالپاقلىق رۇفى، دېڭىز قاراقچىلار دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك جەمەت دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان D جەمەتىدىن بولۇپ، ئىنقىلابچى قوشۇننىڭ قوماندانى دوراگوننىڭ ئوغلى، دېڭىز ئارمىيە قەھرىمانى دەپ ئاتالغان، دېڭىز قاراقچىلارنىڭ نەزىدە تۆمۇر مۇشىت گېنرال دەپ نام ئالغان مونكىي D گاپۇنىڭ نەۋرىسى بولۇپ كىچىكىدىن تارتىپ رۇفىنىڭ ھالىدىن بوۋىسى خەۋەر ئالغان.
رۇفى
رۇفىنىڭ يېگەن سېھىرلىك مېۋىسى بولسا ئادەتتىن تاشقىرى تۈردىكى كاۋچۇك سېھىرلىك مېۋىسى، شابوندى ئارىلىدا مەيدانغا چىققان رەزىل دۇنيانىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى ( رەزىل دۇنيانىڭ كاتتىباشلىرى شابوندى ئارىلىدا مەيدانغا چىققان 11 نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى يۇلتۇزنى كۆرسىتىدۇ) تورت ئارىلىدىكى جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 15 مىليون بېرى ئىنئام بېرىلىپ دېڭىز قاراقچىسى دۇنياسىدىكى بەشىنچى شاھ دەپ نام ئالغان.
رۇفىنىڭ مىجەزى ئۇچۇق- يورۇق بولۇپ ئىنتايىن ئۈمىدۋار، ئۆزىنىڭ ئوينى يوشۇرمايدۇ، كۆڭلى تۇز مۇھەببەت- نەپرىتى ئېنىق، يامانغا يانتاياق بولمايدۇ ياۋاشنى بوزەك ئەتمەيدۇ، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلىمايدۇ، مەنپەتپەرەسلىك قىلىپ ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتمايدۇ، باشقىلارغا باش ئېگىشنى ياقتۇرمايدۇ، زىيادە ساددا، يېڭى شەيئىيلەرگە بولۇپمۇ مېخانىك قۇرۇلمىلار ۋە قورال- ياراغلارغا بەكلا قىزىقىدۇ، كۆزلىرىدىن يۇلتۇز چاقناپ كېتىدۇ ھەر كۆرگەندە.
رەسىم چۈشەندۈرىلىشىنى كىرگۈزۈڭ
ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىدۇ (يىيىشكىمۇ ئامراق ئەمدى) ھەرخىل ھايۋانلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە (ئەينى چاغدا مىڭ يىللىق ئەجدىرھا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان) بىراق چوپپاغا يەتمەيدۇ، قورساققا زىيادە ئامراق گۆش تۇرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئۇستىخىنى بىلەنلا قوشۇپ يېۋىتىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆتمۇشىگە قىزىقمايدۇ، چىغ قالپاق دېڭىز قاراقچىلىرى ئەترىتىنىڭ كاپىتانى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتچان، بىراق بىر ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلاشمايدۇ, باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ، يولدىن ئاسانلا ئېزىپ قالىدۇ (بىراق زورودەك ئېغىر ئەمەس)، ئاخبارات توپلاشقا ماھىر ئەمەس.
ئېغىزىدىن چۇشۇرمەيدىغان گېپى ”مەن دېڭىز قاراقچىسى شاھى بولىدىغان ئەركەك “توغرا ئۇ تۆت شاھنىڭ بىرى بولغان قىزىل چاچلىق شانكىسنىڭ رىغبەتلەندۇرىشى ئاستىدا دېڭىز قاراقچىسى شاھى بولۇشتەك يۇكسەك ئارزۇنى كۆڭلىگە پۇككەن، ئۇ دېڭىز قاراقچىلىرىنى ئەسكى ئادەم دەپ قارىمايدۇ ئەكىسچە دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن ئادەم دەپ قارايدۇ شۇڭا ئۇ باشقا دېڭىز قاراقچىلىرىدەك مال- دۇنيا ئۇچۇن ئەمەس بەلكى ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئەركىنلىكنى قوغلىشىش ئۈچۈن دېڭىزغا چىققان،
ئۈچ قېرىنداش
بالىلىق دەۋرىنى سابۇ، ئەيىس بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ھەم ئۇلار قول بېرىشىپ ئاكا-ئۇكا بولۇشقان، گەرچە ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ مېھىر-مۇھەببىتى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردىن ئۈستۇن، ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئۈچىلىسىنىڭ سالاھىيىتى ئالاھىدە بولۇپ پوتىكاس د ئەيىس دېڭىز قاراقچىسى شاھى دەپ نام ئالغان ئەر گوردو روجانىڭ ئوغلى مالىنفوردىكى جەڭدە رۇفىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان، مونكىي D رۇفى ئىنقىلابچى قوشۇننىڭ باشلىقى دوراگوننىڭ ئوغلى، سابۇ بولسا ئاقسۆڭەك ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن (ئەسكەرتىش سابۇ D جەمەتىدىن ئەمەس)
ئۈچ قېرىنداش
بۇ ئۈچ قېرىنداشنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى ئارزۇسى ئوخشاش بولۇپ ئۈچىلىسى دېڭىز قاراقچىسى ئاتامانى بولۇشنى كۆڭلىگە پۇكۇپ قول بېرىشىپ ئاكا-ئۇكا بولۇشقان ھەم دېڭىزغا قەسەم بەرگەن،گەرچە بۈ ئۈچ قېرىنداشنىڭ ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ بىر- بىرىگە بولغان مېھىر- مۇھەببىتى دېڭىزدىن چوڭقۇر ئەگەر بۇ ئۈچى بىر كېمىدە،بىرلا ۋاقىتتا دېڭىزغا چىققان بولسا بەلكىم كېيىنكى نۆۋەتلىك دېڭىز قاراقچىسى ئاتامانى مەيدانغا چىقىپ بولغان بولاتتى .

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: https://dolqun.net/archives/86/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
جوجونىڭ ئاجايىپ سەزگۈرەشتىسى
ئالدىنقىسى...» 09-13
دېڭىز قاراقچىسى شاھى 1~100-قىسىمغىچە
«...كېيىنكىسى 09-15

تەسىراتىڭىز:

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.1
جەمئىي 27 پارچە تېما | بىر تۈمەنلىك زىيارەت
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

4

خەتكۈچلەر