ھەققىدە

دولقۇن تەرجىمىلىرى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، قىزىقىش ۋە تىل ئۆگىنىش ئاساسىدا باشلىنىپ، ھازىرغىچە ياپونىيە ئانىمېلىرىنى ئاساس، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە تېلىۋىزىيە -تىياتىرلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ، كەڭ دولقۇنداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ كەلدى.
بۇ بىر نەچچە يىلدا دولقۇنداشلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بىلەن كۆپلىگەن فىلىملەر روياپقا چىقتى، ئارلىقتا بىر نەچچە قېتىم دېسكا فورماتلىنىپ كېتىش، مۇلازىمىتىردىن كاشىلا چىقىش مەسىلىلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق دولقۇنداشلارنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشى ۋە قىزغىن قوللىشى بىلەن دولقۇن قايتىدىن ئۆركەشلىدى.
بۇندىن كېيىنمۇ دولقۇنداشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمىز، دولقۇن تەرجىمىلىرىنىڭ تەرەققىياتى قوللاش ۋە مەدەتتىن ئايرىلالمايدۇ.

**دولقۇنداشلار ياخشىمۇ سىلەر ~
تۆۋەندە دولقۇن تەرجىمىلىرى توربەت نۇسقىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.**


تىزىملىتىش

توربەتكە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئاساسلىقى ئەزالىق نامى، ئېلخەت ئادرىسى، پارول قاتارلىقلار كېتىدۇ، ئەزالىق نامى بىلەن پارولنى ھەممەيلەن بىلىدۇ دەپ قارايمەن.
ئېلخەت (邮箱) نى بىلمەيدىغانلار بولىشى مۇمكىن، بۇنى چوقۇم توشقۇزۇش كېرەك چۈنكى توربەت باش سۈرىتى دەل شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا كوت-كوت يەنى (QQ) نىڭ ئېلخېتىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. مىسال: 12345678@qq.com

سوئال-جاۋاپ

توربەت نۇسقىسى نېمىنى ئاساس قىلىدۇ؟
جاۋاپ: ئاساسلىقى فىلىم تەپسىلاتلىرى ۋە تەرجىمە فىلىم ھەققىدە دەرىسلىك، فىلىم ساقلاشقا ۋە سۈزۈك كۆرۈشكە ئامراق ئەزالار ئۈچۈن فىلىملەرنىڭ چۈشۈرۈش تەمىنلىدۇ.



«دولقۇن» ئۇ ھازىرغىچە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى جاپا-مۇشاقەتلەرگە سىمۋول قىلىنغان.
قوللاش ۋە مەدەت بولسىلا بىز ھالقىيالمايدىغان دولقۇن يوق.